تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت: ...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى
كونا ھۆججەتلەرنى تازىلاپ ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى يۈكلەيدۇ

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي

بۆلۈم: “ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي”

(ھ. 844 – 906 / م. 1441 – 1501)


شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىب جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارىدۇر.

قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەر يىپەك يولى بويىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولغىنىدەك، تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە ھىرات بۇ زېمىندىكى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئۇيغۇر زېمىنىدىن كۆچۈپ سىڭگەن مەدەنىيەتمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلىشىر ناۋائىي ئەنە شۇنداق تارىخىي دەۋردە شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەكىلىدۇر.


2. كېلىپ چىقىشى ۋە بالىلىق مەزگىللىرى

بۆلۈم: “2. كېلىپ چىقىشى ۋە بالىلىق مەزگىللىرى”

ئەلىشىر ناۋائىي ھىجرىيە 844 – 906 / مىلادىيە 1441 – 1501 – يىللىرى ھىراتتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر بولۇپ، تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدىكى ئىناۋەتلىك خادىملارنىڭ بىرى ئىدى. غىياسىدىن كىچىك ئائىلىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەھلى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ئەلىشىرنىڭ كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات خۇشتارى بولۇشى ئۈچۈن تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم بىر شارائىت ئىدى.

ئەلىشىر بالىلىق ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە خۇشپېئىللىقى بىلەن ئۆز تەڭتۈشلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ 3 – 4 يېشىدىلا شېئىر ئاڭلاش، ئوقۇش ۋە يادلاشقا قىزغىن بېرىلگەن، بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپ مەكتەپكە كىرگەن، بۇ مەكتەپتە بولغۇسى پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ساۋاقداش بولغان؛ ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئۈنۈمى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانىدى.

بۇ چاغدا ھىرات تەختىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شاھرۇھنىڭ مۇستەبىتلىكى غىياسىدىن كىچىك ئائىلىسىگىمۇ كۆڭۈلسىزلىك ۋە پاراكەندىچىلىك سالدى. شۇڭا بۇ ئائىلە بىر مەزگىل ئاستىرابادتا سەرسان بولۇپ يۈردى. پەقەت ئەبۇلقاسىم بابۇر تەختكە چىققاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىپ كەلدى.

بۇ مەزگىلدىكى كىچىك ئوقۇغۇچى ئەلىشىر مەكتەپتە دىنىي دەرس ئوقۇش بىلەن بىللە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا قىزغىن بېرىلدى. فارىس-تاجىك كىلاسسىكلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ھەم يادقا ئالدى. ئۇ 10 – 11 يېشىدا 4 – 5 مىڭ مىسرا شېئىرنى يادلىۋالغانىدى. ئەلىشىر 12 يېشىدا ئاتىسىدىن يېتىم قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ساۋاقدىشى، دوستى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئەبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلدى. بىر ياقتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قىزغىن ئۆگىنىش بىلەن ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا كىرىشتى. ئەبۇلقاسىم بابۇر ئەلىشىرگە غەمخورلۇق كۆرسەتتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان ئىشتىياقىغا مەدەت-ئىلھام بەردى.


3. دەسلەپكى ئىجادىيىتى، لۇتفىينىڭ باھاسى ۋە سەمەرقەنت يىللىرى

بۆلۈم: “3. دەسلەپكى ئىجادىيىتى، لۇتفىينىڭ باھاسى ۋە سەمەرقەنت يىللىرى”

ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەلىشىر 7 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. شۇ زاماندىكى ئەنئەنە بويىچە باشلانغۇچ بىلىمىنى فارىسىي مەنبەلەردىن ئالغان ئەلىشىر مەكتەپتىلا نىزامىي گەنجەۋىي، شەيخ سەئدىي، فەرىدۇددىن ئەتتارلارنىڭ، ئاندىن فىردەۋسىي، خۇسراۋ دېھلەۋىي، ھافىز شىرازىي، ئابدۇرراھمان جامىي قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ تونۇشتى. كېيىنرەك تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلارنى قىزغىن ئوقۇشقا كىرىشتى، بولۇپمۇ ئاتائىي، سەككاكىي، لۇتفىي ئىجادىيىتىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، ھەتتا لۇتفىينىڭ:

ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش،
بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش.1

دەپ باشلىنىدىغان غەزىلىنى كۆرگەن مەۋلانا لۇتفىي ھاياجان ئىچىدە: «ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزەمنىڭ 10 – 12 مىڭ بېيت پارسچە، تۈركچە شېئىرىمنى مانا مۇشۇ غەزەلگە تېگىشكەن بولاتتىم، ئەگەر ئۇنى پۈتۈنلەي ئېلىشقا ئۇنىمىسا، مېنىڭ دەۋرىمنىڭ ئەڭ ياخشى پەخرى دەپ ھېسابلانغان تۈركچە دىۋانىمنى تەڭلەشكەن بولاتتىم» دەپ، ئەلىشىرنىڭ تالانتىغا ئالەمچە ئاپىرىن ئوقۇغانىدى.

1456-يىلى ئەبۇلقاسىم بابۇر تەختنى مەشھەدكە كۆچۈرگەندە، ئەلىشىر ناۋائىيمۇ، ھۈسەيىن بايقارامۇ بىللە باردى. كېيىن ئەبۇلقاسىم بابۇر ۋاپات بولۇپ مەشھەدتە قالايمىقانچىلىق چىققاندا، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن مەرۋىگە ماڭدى. ناۋائىي بولسا مەشھەدتە قېلىپ، مەدرەسەدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.

1464-يىلى ئەلىشىر ناۋائىي يۇرتى ھىراتقا قايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى مەۋلانا ئابدۇرراھمان جامىي بىلەن تونۇشتى. جامىي ناۋائىينىڭ تالانتى ۋە پەزىلىتىگە قايىل بولدى ھەم ئۇنىڭغا ئۇستاز ۋە يېقىن دوست بولۇپ قالدى.

بىراق ھىراتتا ناۋائىي پادىشاھ ئەبۇ سەئىدنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. چۈنكى ئۇ ناۋائىينى ئۆز كۈشەندىسى بولغان ھۈسەيىن بايقارانىڭ يېقىن ئادىمى دەپ بىلەتتى. ناۋائىي ھىراتتا تۇرالماي سەمەرقەنتكە كەتتى. شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان سەمەرقەنتتە ناۋائىي ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن قولايلىق پۇرسەتكە ئېرىشتى. فازىل، ئالىم شەيخ ئەبۇللەيس مەدرىسىسىدە ئوقۇپ، ئۆز بىلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ سەمەرقەنت ئالىملىرى ۋە ياشلىرى ئىچىدە زور ئابروي قازاندى.


4. ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدىكى دۆلەتچىلىك ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي تۆھپىلىرى

بۆلۈم: “4. ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدىكى دۆلەتچىلىك ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي تۆھپىلىرى”

1469-يىلى ھۈسەيىن بايقارا خۇراسان تەختىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ناۋائىي ئۆز دوستىنىڭ مەملىكەتنى ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىشىغا ياردەملىشىش، پاراكەندە بولغان خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، ۋەيران بولغان يۇرتلارنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سەمەرقەنتتىن ھىراتقا قايتىپ كەلدى. ھۈسەيىن بايقارا ناۋائىينى قىزغىن قارشى ئېلىپ، مۆھۈردارلىققا تەيىنلىدى. كېيىن ئۇنىڭغا ۋەزىرلىك ۋە ئەمىرلىك مەرتىۋىسىنى بەردى.

ناۋائىي ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، مەملىكەتنى تىنچلاندۇرۇش ئىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى:

  • تۆمۈرىيلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۇرۇش ۋە نىزالارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى.
  • ئوردا خىزمىتىدە ئادالەتنى جارى قىلدۇردى، پارىخور، چىرىك مەنسەپدارلارنى جازالاپ، باج-سېلىقلارنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشتى.
  • ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىدە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى: نۇرغۇن مەدرەسە، جامە، كۇتۇپخانا، كۆۋرۈك، ئۆستەڭ، كارۋانساراي ۋە كېسەلخانىلارنى ئۆز مەبلىغى بىلەن سالدۇردى. ھىراتتىكى مەشھۇر «ئىخلاسىيە» ۋە «نىزامىيە» مەدرىسىلىرى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
  • ئىختىساس ئىگىلىرىگە، ئالىم-شائىرلارغا، سەنئەتكار ۋە بىناكارلارغا كەڭ ھامىيلىق قىلدى. كۆپلىگەن تالىپلارنى، خەتتات ۋە نەققاشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىدى.

5. سىناقلار، ئوردا پىتنىلىرى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرى

بۆلۈم: “5. سىناقلار، ئوردا پىتنىلىرى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرى”

ناۋائىينىڭ ئادالەتپەرۋەر سىياسىتى ۋە خەلقپەرۋەر ئىسلاھاتلىرى ئوردىدىكى ھوقۇقپەرەس، شەخسىيەتچى ئەمەلدارلارنىڭ، جۈملىدىن مەجدىددىن، نىزامۇلمۇلك قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. پىتنە-ئېغىۋالار نەتىجىسىدە ناۋائىي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئاستىرابادقا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتىلدى.

ئاستىرابادتا خەلق ناۋائىينى ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، ھىراتتىن ئايرىلىش ۋە ئۇ يەردىكى زۇلۇملار ئۇنى قايغۇغا سالدى. ناۋائىينىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلانغان چىرىك كۈچلەر پادىشاھ بىلەن شاھزادە مۇھەممەت ھۈسەيىننىڭ ئارىسىنى بۇزدى؛ كېيىن شاھزادە مۆمىن مىرزىنىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلۈشىدەك چوڭ پاجىئەلەر يۈز بەردى. ناۋائىي بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ئازابلاندى. ئوردا مۇھىتىدىن بىزار بولۇپ بارغانچە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشتى.

1492-يىلى ئەلىشىر ناۋائىينىڭ ئۇلۇغ پىر ئۇستازى ئابدۇرراھمان جامىي ۋاپات بولدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بىر يوقىتىش بولدى. يىللار ئۆتكەنسېرى يېقىن سەپداشلىرى بىر-بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ناۋائىي يالغۇزلۇق ۋە قايغۇ ئىچىدە قالدى. شۇنداقتىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولدى.

ئېغىر جاپالىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ۋە ئۈزلۈكسىز ئىجادىي مەشغۇلاتلار ئەلىشىر ناۋائىينىڭ سالامەتلىكىنى زەئىپلەشتۈردى. 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى (ھ. 906-يىلى جامادىيەل ئاخىر ئېيىدا) 60 يېشىدا پۈتۈن شەرق دۇنياسىنىڭ بۇ ئۇلۇغ زاتى ۋاپات بولدى ۋە ھىراتتا دەپنە قىلىندى.


6. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي ئەدەبىياتقا قوشقان تۈرتكىسى

بۆلۈم: “6. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي ئەدەبىياتقا قوشقان تۈرتكىسى”

ئەلىشىر ناۋائىي چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر-تۈركىي تىلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ:

  1. تىل بايلىقىنى نامايان قىلىش: ئۆز دەۋرىدە ئەرەب ۋە پارس تىللىرى ئىلىم ۋە شېئىرىيەت تىلى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شارائىتتا، ناۋائىي تۈركىي تىلنىڭ ئۆزگىچە پاساھىتى ۋە لەتىپ گۈزەللىكىنى، سۆز بايلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق دەلىللەپ چىقتى.
  2. «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل مۇھاكىمىسى): ئۇ بۇ مەشھۇر فىلولوگىيەلىك ئەسىرىدە تۈركىي تىل بىلەن پارس تىلىنى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساستا سېلىشتۇرۇپ، تۈركىي تىلنىڭ پېئىل، سۈپەت، ئىپادىلەش كۈچى جەھەتتە فارىس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، بەلكى كۆپلىگەن نۇقتىلاردا ئۇنىڭدىن مول ۋە ئېلاستىك ئىكەنلىكىنى تىلشۇناسلىق دەلىللىرى بىلەن يورۇتۇپ بەردى. شائىرلارنى ئۆز ئانا تىلىدا ئىجاد قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
  3. تارىخىي ۋارىسلىق: ناۋائىي يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، ئەھمەد يۈكنەكىينىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئەسەرلىرىنىڭ قاراخانىي خاقانىيە تىلى ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، چاغاتاي تىلىنى دۇنياۋى ئەدەبىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈردى. شۇ سەۋەبتىن بەش يۈز يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ناۋائىينىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ئاستىدا راۋاجلىنىپ كەلمەكتە.

7. ئەلىشىر ناۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ۋە مەشھۇر «خەمسە»سى

بۆلۈم: “7. ئەلىشىر ناۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ۋە مەشھۇر «خەمسە»سى”

ئەلىشىر ناۋائىي قالدۇرۇپ كەتكەن غايەت زور مىراس تۈركىي، پارسچە ۋە ئەرەبچە تىللاردىكى 30 دىن ئارتۇق مەشھۇر ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

كۆپ توملۇق دىۋانلار

بۆلۈم: “كۆپ توملۇق دىۋانلار”
  • «خەزائىنۇل مەئانىي» (مەنىلەر خەزىنىسى): تۈركىي تىلدىكى تۆت چوڭ دىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    1. «غەرايىبۇس سىغەر» (بالىلىق دەۋرى غايىپلىرى)
    2. «نەۋادىرۇش شەباب» (ياشلىق دەۋرى نادىرلىرى)
    3. «بەدائىئۇل ۋەسەت» (ئوتتۇرا ياش دەۋرى گۈزەللىكلىرى)
    4. «فەۋائىدۇل كىبەر» (قېرىلىق دەۋرى پايدىلىرى)
  • «دىۋانى فانىي»: پارس تىلىدا «فانىي» تەلەخخۇسى بىلەن يازغان نادىر غەزەل ۋە قەسىدىلىرى توپلىمى.

مەشھۇر داستانلار: «خەمسە» (بەشلىك)

بۆلۈم: “مەشھۇر داستانلار: «خەمسە» (بەشلىك)”

ناۋائىي تۈركىي ئەدەبىياتتا تۇنجى بولۇپ تولۇق «خەمسە» ياراتقان بۈيۈك شائىردۇر:

  1. «ھەيرەتۇل ئەبرار» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى) — پەلسەپىۋى-تەلىمىي داستان.
  2. «پەرھاد ۋە شىرىن» — ئەلپەرۋەرلىك، مېھنەت ۋە مۇھەببەت داستانى.
  3. «لەيلى ۋە مەجنۇن» — مۇھەببەت تىراگېدىيىسى ۋە ئىلاھىي ئىشق داستانى.
  4. «سەبئەئى سەييار» (يەتتە سەييارە) — بەھرام گور ۋە دىلارام ھېكايىسى.
  5. «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) — ئادالەت، دۆلەتچىلىك ۋە ئىلمىي ئىزدىنىش داستانى.

ئىلمىي، ئەخلاقىي ۋە تەرجىمىھال ئەسەرلىرى

بۆلۈم: “ئىلمىي، ئەخلاقىي ۋە تەرجىمىھال ئەسەرلىرى”
  • «مەھبۇبۇل قۇلۇب» (دىللارنىڭ سۆيگىنى) — جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك تەبىقىلەر ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى ھەققىدە.
  • «مەجالىسۇن نەفائىس» (نەپىس مەجلىسلەر) — ئەدەبىيات تارىخى ۋە شائىرلار تەرجىمىھالى قامۇسى.
  • «خەمسەتۇل مۇتەھەييىرىن» (ھەيران قالغان بەش شەخس) — ئابدۇرراھمان جامىي ھەققىدىكى ئەسەر.
  • «ھالاتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر» ۋە «ھالاتى پەھلەۋان مۇھەممەد».
  • «مىزانۇل ئەۋزان» (ۋەزىنلەر ئۆلچىمى) — ئارۇز ۋەزنى ۋە خەلق قوشاقلىرى نەزەرىيىسى.
  • «تارىخى مۇلۇكى ئەجەم» ۋە «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۇكەما».
  • «لىسانۇت تەير» (قۇشلار تىلى) — فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ ئەسىرى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇپ داستانى.

8. بەدىئىي ماھارىتى ۋە شېئىرىيەت سەنئىتى

بۆلۈم: “8. بەدىئىي ماھارىتى ۋە شېئىرىيەت سەنئىتى”

ئەلىشىر ناۋائىينىڭ بەدىئىي قەلىمى ئارۇز ۋەزنىنىڭ چەكسىز مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مىللىي تىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ماسلاشتۇردى. ئۇنىڭ شېئىرىيىتىدە ئوخشىتىش (تاشبىھ)، سۈپەتلەش، تەزات ۋە سۆز ئويۇنى كامالەتكە يەتكەن:

ئوخشىتىش سەنئىتىگە نادىر مىسال:

بۆلۈم: “ئوخشىتىش سەنئىتىگە نادىر مىسال:”

كۆز ياشىم بولدى رەۋان بىر نەرگىسى جادۇ كۆرۈپ،
تىفل2 يەڭلىغكىم قاچار سەھرا تەرەپ ئاھۇ كۆرۈپ.

قالدى ھەيران زاھىد ئەشكىمدە كۆرۈپ ھەريان ھۇباب3،
رۇستايىدەككىم4 ئېتىپ تەئجىب بارۇ كۆرۈپ.

جان ئارا تىغىڭ كۆرۈپ كۆڭلۈم قۇشى تۈزدى ناۋا،
تۇتىدەككىم تەكەللۈپ ئەيلەگەي كۆزگۈ كۆرۈپ.

ۋادەئى ئىشقىڭ مەكان قىلدى كۆڭۈل كۆرگەچ يۈزۈڭ،
ئەل بايابان ئىچرە مەنزىل ئەيلىگەندەك سۇ كۆرۈپ.

جاندا ئۆز داغىن كۆرۈپ ئاشىقلىقىمنى ئاڭلادى،
ئول كىشىدەككىم تانغاي ئۆز قۇلىن بەلگۈ كۆرۈپ.

بادە تۇتقاچ دىمە بىخۇد ئولدىكىم ئول كۆزگۈدىن،
باردى ھوشۇم يار ھۆسنى جىلۋەسىن ئوترۇ كۆرۈپ.

ئەي ناۋائىي، دەفئى ئولۇر خالىن كۆرۈپ كۇفى غەمىم،
فىل يەڭلىغكىم ھەزىيمەت ئەيلەگەي ھىندۇ كۆرۈپ.5

بۇ غەزەلنىڭ ھەر بىر بېيتى نازۇك ئوخشىتىش ۋە پىسخىكىلىق كەچۈرمىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، تىلنىڭ تەسۋىرلەش قۇدرىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

سۆز ۋە ھەرپ ئويۇنى (مۇئەمما ۋە تاشبىھ):

بۆلۈم: “سۆز ۋە ھەرپ ئويۇنى (مۇئەمما ۋە تاشبىھ):”

مېھىر ئاڭلاپ ئاشىق ئولدۇم، سوڭرە يەتتى كۇھى غەم،
نى ئەجەب، ئىشق ئىبتىداسى ئەين ئېرور، فايانى قاف.6

بۇ نادىر بېيتتا شائىر «ئىشق» (عشق) كەلىمىسىنىڭ تۇنجى ھەرپى «ئەين» (ع — قۇياش، نۇر، مېھرىبانلىق) بىلەن باشلىنىپ، ئاخىرقى ھەرپى «قاف» (ق — قاپ تېغى، قىيىنچىلىق، كۆيقاپ ئازابى) بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى بەدىئىي تىل ئويۇنى ئارقىلىق پاساھەتلىك بايان قىلغان.


9. تارىخىي ئورنى ۋە باھاسى

بۆلۈم: “9. تارىخىي ئورنى ۋە باھاسى”

ئەلىشىر ناۋائىي بەش ئەسىردىن بۇيان پۈتكۈل تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى قۇياشى بولۇپ كەلگەن. مەشھۇر شائىر نىم شېھىت ئېيتقاندەك:

«مەن ئۆمرۈمدە ناۋائىيدىن باشقا مۇشۇ كىشىدەك تىلغا باي سۆز ئۇستىسىنى، تىلى گۈزەل ئەدىپنى ئۇچراتمىغان…»

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كاشغەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان ۋە قۇمۇل خەتتاتلىرى تەرىپىدىن مىڭلارچە قوليازمىلاردا كۆچۈرۈلۈپ، ھەر بىر زىيالىي ۋە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ تەۋەررۈك بايلىقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن. ئەلىشىر ناۋائىينى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ تۈگىمەس بىلىم بۇلىقىدۇر.


پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
  • «تارىم» ژۇرنىلى: 1986-يىللىق 9-سان، تېيىپجان ئېلىيۇپ تەييارلىغان ماقالە.
  • ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى: «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر ناۋائىي» (p=15977).

  1. مەۋلانا لۇتفىي بۇ بەيتنى كۆرۈپ يۈكسەك قايىللىق بىلدۈرگەن. ↩

  2. تىفل (Tifl): كىچىك بالا، بوۋاق. ↩

  3. ھۇباب (Hubab): كۆپۈك. ↩

  4. رۇستايى (Rustayi): سەھرالىق. ↩

  5. «غەرايىبۇس سىغەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى نەشرى، 63-غەزەل. ↩

  6. «غەرايىبۇس سىغەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى، 319-غەزەل. مەتلەئى: «ياشۇرۇن غەمزەڭ قىلىچىكىم قىلۇر كۆكسۈم شىكاف، بۇكى مەخپىيدۇر ئاڭا گويا قاشىڭ بولمىش غىلاف.» ↩

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.